رۇسىيە: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە كۆپ تەرەپتىن زەربە بەردۇق
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان جەڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىر كۈندە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن جىتۈەنجۈن قىسمى خاركوف، دونېستىك، زاپاروژې ۋە خېرسوننىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق كۈچى ۋە جابدۇقلىرىغا زەربە بەردى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ پاراشۇت زەربىدارلار قىسمى قوماندانلىق ئىشتابى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا پاراشۇت قىسمى رۇسىيە چېگراسىدىكى بىر يول بۆلىكىدىن بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىدىكى ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، رۇسىيە چېگراسىنى ئىككىنچى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتۈش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا