79-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى باشلاندى
79-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ب د ت نىڭ نيو-يوركتىكى باش ئورگىنىدا باشلاندى. كۆپ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان رايون توقۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان غايەت زور مەسىلىلەردە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «ھەر قانداق بىر ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق: قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىش»-بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىنىڭ باش تېمىسى بولدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت