لىۋاننىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى لىۋانغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا جەمئىي 72 ئادەم قازا قىلغان، 392 ئادەم يارىلانغان
لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچىدە ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ كۈنى لىۋانغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا جەمئىي 72 ئادەم قازا قىلغان، 392 ئادەم يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە 9-ئاينىڭ 23-كۈنى لىۋانغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن بۇيان، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى، ھۆكۈمەت 300 دىن ئارتۇق جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇردى.
لىۋان جېنجۇداڭى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسرائىلىيەگە راكىتامىيۇت ئاتتى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەزىيەتنى باھالاشقا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىككى زاپاس لۈينى يىغىپ «شىمالدىكى ھەربىي ھەرىكەت» نى قانات يايدۇرىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى خالەۋى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى: ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋان چېگراسىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى «توختاپ قالمايدۇ» دېدى، ئۇ بۇ ھەرىكەت «قوللىنىش مۇمكىن بولغان يەر يۈزى ھەرىكىتى» ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش دەپ تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە قىسقا ۋىدېيولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىمالىي قىسىمدىكى چېگرا رايوندىن چېكىنىپ چىققان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش» ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى، ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان جېنجۇداڭىغا «مىسلىسىز، تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان زەربە» بېرىۋاتىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە خاماسنىڭ 40 تىن ئارتۇق قوراللىق خادىمىنى ئېتىۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە راكىتامىيۇت قىسمىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسىمۇ بار، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت