ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جېنجۇڭداڭ نىشانلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى بىر يىلغا يېقىن داۋاملىشىپ لىۋاندا 1540 ئادەم قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-27 16:22
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى بىر باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلدى، ھەرىكەتتە لىۋان جېنجۇداڭى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر قوماندانىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، دېدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى لىۋان جېنجۇداڭى نىشانلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر شىمالىي ئۇرۇش سېپىدە لىۋان جېنجۇداڭىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار پىلانلارنى تەستىقلىدى.
لىۋان جېنجۇداڭى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىدىكى شەھەر ئادلۇندا، ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرىنى ئىشلىتىپ ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى لىۋاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن چېكىنىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقان. لىۋان ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئاپەت خەتىرىنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، لىۋان جېنجۇداڭى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش لىۋاندا 1540 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى،5410 ئادەمنى يارىلاندۇردى، دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بىر باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىدىن 8 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پىلانىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى