ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ رەھبىرى قاتارلىق يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-30 17:02

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن لىۋان جېنجۇداڭى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇنداق دېدى: جېنجۇداڭنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى، بۇ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان جېنجۇداڭ ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر زەربە. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇنداق دېدى: توغرا ئاخباراتقا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيرۇتنىڭ جەنۇبى شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئولتۇراق بىنانىڭ ئاستىغا جايلاشقان جېنجۇداڭنىڭ باش ئىشتابىغا نۇقتىلىق زەربە بەردى، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن يەنە لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى قوماندانى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى قاتارلىقلار بار، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان نەق مەيداندىكى نۇرغۇن رايون تۈپتۈز بولۇپ كەتتى.
لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ئەربابى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى كۆپلىگەن رايونلارغا تەخمىنەن 90 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، نىشانى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى تەخمىنەن 45 كەنت ۋە شەھەر بازار بولدى. لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ كۈنى لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدا 33 ئادەم قازا قىلدى، 195 ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگراسىغا يېقىن جايدىكى نۇرغۇن مەھەللىلەردە 9-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىنىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا لىۋاندىن يېرۇسالېم رايونىغا قويۇپ بېرىلگەن.
يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى شۇ كۈنى «پەلەستىن 2» ناملىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىن گۇرىئان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇم قوزغىغاندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بۇ ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى شىمالىي قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىدا شىمالىي قىسىم ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 9-ئاينىڭ 28-كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەتتە لىۋان- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران، ئىراق، تۈركىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى بەس-بەستە ئەيىبلىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى جېنجۇداڭ، خاماس، قۇسەي قوراللىقلىرى ۋە ئىران قوللايدىغان ھەرقانداق قوراللىق تەشكىلاتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ھوقۇقىنى تامامەن قوللايدۇ» دېدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ رەھبىرى قاتارلىق يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن لىۋان جېنجۇداڭى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇنداق دېدى: جېنجۇداڭنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك