ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىنى داۋاملىق بومباردىمان قىلدى، ب د ت بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋاننىڭ بېيرۇت ئەتراپىدىكى رايونلاردا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-05 11:40

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىنى داۋاملىق بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە لىۋان بىلەن سۇرىيە چېگراسىدىكى بىر چېگرىدىن ئۆتۈش نۇقتىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تاشيولنى ئۈزۈپ قويدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئىككى سائەت ئىچىدە، 70 نەچچە كاتيۇشا ئوقى لىۋاندىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا قويۇپ بېرىلدى، كۆپ قىسىم كاتيۇشا ئوقى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، قالغانلىرى بوش رايونلارغا چۈشتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى 30 نەچچە شەھەر بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ دەرھال يۇرت-ماكانىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم ئاگاھلاندۇرۇپ، لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەسلىھەلىرىگە يېقىن ھەرقانداق كىشىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ، لىۋان جېنجۇداڭى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق ئۆي ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدۇ، دېدى.
لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا داۋاملىق كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، لىۋان پۇقرالىرىدىن قازا قىلغان، يارىلانغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس  10-ئاينىڭ 4-كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋاننىڭ بېيرۇتقا يېقىن رايونىدا قازا قىلغان پۇقرالار سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلدى. باياناتتا: ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشى، يارىلىنىشىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دېيىلدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى  10-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە لىۋاندا چەكلىك يەر يۈزى ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ تەخمىنەن 250 ئەزاسى يەر يۈزى ھەرىكىتى ۋە ھاۋا ھۇجۇمىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ جېنجۇداڭنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ھەربىي نىشانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، نىشان-جېنجۇداڭنىڭ ئەزالىرى، جېنجۇداڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، ھەربىي ئىمارەتلىرى، قورال ساقلاش ئورنى، كاتيۇشا ئوقى قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى يەمەننىڭ ھۈدەيدا، سانا، زامار ئۆلكىلىرىگە كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى ئارقىدىن ئۆز قىسىمىنىڭ يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى كونتروللىقىدىكى رايوندىكى قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ 15 نىشانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有