ئىسرائىلىيە: ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرىمىز
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە ۋىدىيو سۆزى قىلىپ: ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقى بار، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پات ئارىدا قىلىدىغان ئىشى، دېدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ تەخمىنەن 200 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىغا قارىتا، ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ھەمدە بۇ «بىز تاللىغان ئۇسۇل، ئورۇن، ۋاقىت ۋە سىياسىي قاتلام بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ». ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ قوراللىق خادىمىدىن تەخمىنەن 440 نى ئېتىپ تاشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 قوماندان بار.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى جىيەخقا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلغان، 18 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە 10-ئاينىڭ 4-كۈنى لىۋاننىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرى ۋە پايتەختى بېيرۇتقا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 25 ئادەم قازا قىلغان، 127 ئادەم يارىلانغان. لىۋان جېنجۇداڭى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، شۇ كۈنى ئەتىگەندە، تەشكىلاتىمىزنىڭ قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاككانىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر ھەربىي سانائەت كارخانىسىغا نۇرغۇن كاتيۇشا ئوقى ئاتتى، دېدى.
مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 5 -كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مىسىر لىۋانغا داۋالاش بۇيۇملىرى، تۇرمۇش ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق 22 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشياسى يەتكۈزۈپ بەردى، مىسىرنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى لىۋاندا تۇرۇپ قالغان 286 مىسىر پۇقراسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ مىسىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ئالاھىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ مىسىرغا قايتىشىغا ياردەم بەردى.
10-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى: نۆۋەتتە لىۋاندىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چېگرانى كېسىپ ئۆتۈپ سۇرىيەگە كىرىپ پاناھلاندى، دېدى. سۇرىيە زۇڭتۇڭى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى زىيارەتكە بارغان ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قانداق توسۇشنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە لىۋانغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنى توستى.
پەلەستىننىڭ خەۋىرىدە: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەبالىيە رايونىدىكى نۇرغۇن ئۆيلەرنى بومباردىمان قىلدى، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى، دېيىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل