كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
نۇرغۇن دۆلەت، پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا بەس-بەستە تېلېگرامما يوللاپ ياكى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، مەن ئامېرىكا خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنى تەبرىكلەيمەن، ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن.
گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى زۇرابىشۋىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. گىرۇزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەرمېنىيە زۇڭتۇڭى خاچاتۇرىيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەرمېنىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى مۇھەممەد جۇڭگونى سەمىمىي تەبرىكلىدى، دوستانە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى، گۈللىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
بەھرەين پادىشاھى خاماد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەھرەين-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دوستانە، مۇستەھكەم. ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن، ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي قوللايمەن.
ئىران زۇڭتۇڭى پېزىشكىئان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىران جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
تانزانىيە زۇڭتۇڭى ھاسسان جۇڭگونىڭ ئابىدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ماختىدى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تانزانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇقى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۇۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زىمبابۋې بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گانا زۇڭتۇڭى ئاكۇفو ئاددو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گانا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدۇ.
سېيشېل زۇڭتۇڭى رامكاراۋاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىك، خەلقئارا ھەمكارلىق توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق گۈللىنىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى دۇمبۇيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىۋىنېيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى مۇستەھكەم. گىۋىنېيە جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئانگولا جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، ئىتتىپاق بولغان دۇنيانى تەڭ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
توگو زۇڭتۇڭى فورېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توگو جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ-خاتىرجەم بولۇشىغا، گۈللىنىشىگە، مەڭگۈ روناق تېپىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋىلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو رەھبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەپ روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پولشا جۇڭگو بىلەن مۇقىم ۋە مول، ئۈنۈملۈك زىچ ئالاقىنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ كەلدى. پولشا جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىنلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزۇن مەزگىل ياخشى بولدى، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت