ئىسلاندىيە زۇڭلىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
ئىسلاندىيە زۇڭلىسى بېنېدىكسون 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە 11-ئاينىڭ 30-كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. بېنېدىكسون شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆچمەنلەر ۋە ئېنېرگىيە سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئېغىر ئىختىلاپ ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى خىزمەتنى داۋاملىق يۈرۈشتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا