ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ رەھبىرى سىنۋارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مەكتەپكە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ ئاز دېگەندىمۇ 28 ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-18 10:41
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە قىسقا ۋىدىيولۇق سۆز قىلىپ، خاماسنىڭ رەھبىرى سىنۋارنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. نىتانىياخۇ يەنە: ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى تېخى تاماملانمىدى، تاكى ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز، دېدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، DNAنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خاماسنىڭ رەھبىرى سىنۋارنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاندى، خاماسنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكىدەك ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى قالمىدى، دېدى. بايدىن: مەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىلەن تېزدىن تېلېفونلىشىپ، «تۇتقۇنلارنى قانداق ئېلىپ كېتىش ھەمدە بۇ ئۇرۇشنى بىراقلا ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىمەن» دېدى.
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماگاچ مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلىپ، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خاماس تاراتقۇ ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىدىكى كۆپلىگەن مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان مەكتەپكە ھۇجۇم قىلدى، ھازىرغىچە 28 كىشى قازا قىلدى، 160 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا خاماس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ خاماسنىڭ مەكتەپتىن پايدىلىنىپ ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلدى.
پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەرايونىنىڭ شىمالىنى ئۇدا 13 كۈن قورشىۋالغانلىقتىن، شۇ جايدا يېقىلغۇ، دورا ۋە باشقا داۋالاش بۇيۇملىرى كەمچىل بولدى، ھازىر كامال ئادۋان دوختۇرخانىسىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ دوختۇرخانا غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا نۆۋەتتە بالىلار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىر كېسەللىرىنى كۆزىتىش كېسەلخانىسى تەسىس قىلىنغان بىردىنبىر دوختۇرخانا.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «چېكىنىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، لىۋاننىڭ شەرقىدىكى بېكا جىلغىسىدىكى تامنىنتاخا بازىرىدىكى بىر نەچچە بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ تېزدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىن ئەتراپتىكى لىۋان جېنجۇداڭى ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «چېكىنىش بۇيرۇقى» چىقىرىپ تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، شۇ جايغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە بىر قېتىم چېكىنىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر تىردىكى ئاھالىلەردىن تېزدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ناھايىتى تېزلا شۇ جايدا ھەرىكەت قىلىدۇ، دېدى.
123 دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىش لايىھەسى ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى چەكلەش قىلمىشى نەچچە مىليون پەلەستىن خەلقىگە تېخىمۇ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى ئارقىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈندىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا تۇنجى قېتىم B-2كۆرۈنمەس بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئىشلەتتۇق، بۇ قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا قوراللارنى ساقلايدىغان يەر ئاستى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلىپ، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمنجان ئىسمائىل