تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتىنىڭ بىر زاۋۇتى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەنىڭ قەھرىمان قازان رايونىدىكى بىر زاۋۇتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا: بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بەش ئادەم قازا قىلدى، 22 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر. يەنە ئىككى تېررورچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد