غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى قاتارنىڭ دوھادا قايتا باشلاندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچىدۇ
غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا قايتا باشلاندى. قاتار، مىسىر، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەتكە قاتناشتى. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) تەرەپ ۋەكىل ئەۋەتمىدى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت خاماس رەھبىرى سىنۋار قازا قىلغاندىن كېيىن ئالاقىدار تەرەپلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشى. ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا قاتارنىڭ پايتەختى دوھا ۋە قاھىرەدە كۆپ قېتىم غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرغىلى بولىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى.
مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: مىسىر ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇۋېلىنغان تۆت خادىمى بىلەن پەلەستىننىڭ قاماقتىكى بىر قانچە خادىمىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، غەززە رايونىدا ئىككى كۈن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى بەردى.
ئۇ يەنە غەززە رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ھەمدە قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 10 كۈن ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 10-ئاينىڭ 27-كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى ھەمدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
گۇتېرىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى قايتا-قايتا رەت قىلدى، غەززەنىڭ شىمالىدىكى بالىلارغا يۇلۇن سۇر ماددىسى ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىمۇ كېچىكتۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 15 تە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرېسقا خەت يېزىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىشى ھەققىدە جىددىي يىغىن ئېچىشىنى مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى، ھەمدە ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتى»گە تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئىسرائىلىيە ۋە ئىران رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ بىر قاتار ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى چۆرىدەپ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ھۇجۇمدا كۆزلەنگەن بارلىق نىشانغا يەتتۇق، دېدى؛ ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپتۈرمەسلىك ياكى سۇسلاشتۇرماسلىق كېرەك، دېدى. ئىران زۇڭتۇڭى پېزىشكىيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ئۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئىراننىڭمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقى بار.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10-ئاينىڭ 25- ۋە 26-كۈنلىرىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان جېنجۇداڭنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىنتى جۇبەيلېر رايونىدىكى قوماندانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارىنى ئايرىم-ئايرىم ئېتىپ تاشلىدى. لىۋان جېنجۇداڭى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى: شۇ كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر ھەربىي سانائەت كارخانىسىغا زەربە بەردۇق، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت