ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىغا ھۇجۇم قىلدى، بەش تىنچلىق ساقلاش خادىمى يارىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-08 13:43
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى يېڭىدىن كەلگەن تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنى ئېلىپ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سەيدا شەھىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يېقىن ئەتراپتا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بەش تىنچلىق ساقلاش خادىمى يارىلاندى، دېدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسمى باياناتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ياكى پۇقرالارغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىنىش مەجبۇرىيىتى بار. لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ نۇرغۇن تىنچلىق ساقلاش خادىمى يارىلاندى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەگە كۆپ قېتىم ئېتىراز بىلدۈردى ۋە ئەيىبلىدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有