ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: لىۋان جېندۇداڭ قوراللىقلىرى گولان ئېگىزلىكىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-10 15:51

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگرا پاسىلىغا يېقىن سابائا بازىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا قاراتمىلىق قىسمەن ھۇجۇم قىلىپ، لىۋان جېنجداڭ قوراللىقلىرىنىڭ يەر ئاستى ئۇل ئەسلىھەلىرى، راكىتا بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرى، قورال ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇنداق دېدى: لىۋان جېنجۇداڭ قوراللىقلىرى بۇ رايوندىن پايدىلىنىپ ئىسرائىلىيە ئىگىلىگەن گولان ئىگىزلىكىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى. لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى لىۋاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بالېبېك شىرمىل ئۆلكىسىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 20 ئادەم قازا قىلدى، 14 ئادەم يارىلاندى، دېدى.
مۇخبىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى پەلەستىن تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەير بەيلاخ ۋە شىمالدىكى جېبالىيە رايونىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى خەۋەردار زاتلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى تاڭ سەھەردە غەززە رايونىدا 25 ئادەم ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 16 ئادەم غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا قازا قىلغان.
قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى قاتارنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ياراشتۇرۇشتىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، بىراق ياراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. خاماسنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئويدۇرما خەۋەرلەر ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە تاجاۋۇز قىلىشتەك زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىفتا 11-ئاينىڭ 9-كۈنى يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى پارتلىدى، نەچچە يۈز ئىسرائىلىيە ئاممىسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى باش ئىشتابى ئەتراپىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتتىن تۇتۇپ قېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تېلاۋىفقا جايلاشقان «تۇتقۇنلار مەيدانى»دا، تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 يېقىن كىشى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: لىۋان جېندۇداڭ قوراللىقلىرى گولان ئېگىزلىكىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگرا پاسىلىغا يېقىن سابائا بازىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا قاراتمىلىق قىسمەن ھۇجۇم قىلىپ،