ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولدى دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-12 16:42

لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ئاككا ئۆلكىسىدىكى بىر كەنت 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 28 ئادەم قازا قىلدى، يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. ئاككا ئۆلكىسى لىۋاننىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگرىسىغا تەخمىنەن 180 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە يەنە غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خانيۇنىسنىڭ غەربىدىكى ماۋاش رايونىدىكى بىر يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغانلارنى يىغىۋېلىش چېدىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، يەنە نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى لىۋان بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى دېدى. لىۋان جېنجۇداڭى تاراتقۇ مۇناسىۋىتىنىڭ مەسئۇلى شۇ كۈنى لىۋان ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار كونكرېت تەكلىپنى تېخى تاپشۇرۇپ ئالمىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جېنجۇداڭنىڭ ئامباردىكى قورال-ياراغ قالدۇقى ئازايدى دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، لىۋان جېنجۇداڭى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت جەڭ قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ھەر قايسى قاتلاملاردا ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويدى دېدى. لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، لىۋان تەۋەسىدە 3243 ئادەم قازا قىلدى، 14 مىڭ 134 ئادەم يارىلاندى.

ئەرەب دۆلەتلىرى-ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىرلەشمە ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئېچىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى قوشۇمچە باش ۋەزىرى مۇھەممەد يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا يولغا قويغان كوللېكتىپ ئىرقىي يوقىتىش قىلمىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىتا، پەلەستىن ۋە لىۋان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ دېدى. لىۋان قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى مىكات لىۋان تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىگە تەھدىت سالىدىغان بىر مەيدان ئەجەللىك كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە، لىۋان ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىماقتا دېدى. مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى پەلەستىن ۋە لىۋان زېمىنىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشى پۈتكۈل خەلقئارا سىستېمىغا قىلىنغان خىرىس، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دېدى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گايت بىز 1967-يىلىدىكى چېگرا ئاساس قىلىنغان، شەرقىي يېرۇسالېم پايتەخت قىلىنغان، مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى، ئۇ غەززە بىلەن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىش ھەم «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى يولغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تاھا بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋانغا قارىتا سادىر قىلغان داۋاملىق زوراۋانلىق قىلىش ۋە ئىرقىي يوقىتىش قىلمىشىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس، ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا تەپتارتماستىن خىلاپلىق قىلدى، ئىسرائىلىيە دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى دەرھال ئۈزۈل-كېسىل توختىتىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولدى دېدى

لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ئاككا ئۆلكىسىدىكى بىر كەنت 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 28 ئادەم قازا قىلدى،