خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇ سەپىرىنى قىزغىن كۈتمەكتە
خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ھەمدە پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىنى قىزغىن كۈتمەكتە. نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋىتى ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى قوۋۋەت قوشىدۇ، دېدى.
پېرۇدىكى ھەر ساھە ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇقەررەر ھالدا پېرۇ-جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. پېرۇ پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئېرنېستو بۇستامانتې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى، كىۋانت ھېسابلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، پېرۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن نەپ ئالالايدۇ.
پېرۇنىڭ قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى رائول رايېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ كەلدى، جۇڭگو بىزنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىمىز، مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈتمەكتىمەن.
پېرۇ دۆلەتلىك سان ماركوس داشۆسىنىڭ ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى كارلوس رودرىگېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل پېرۇنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى پېرۇنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. چەنكاي پورتى پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى بايراقدار تۈر، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى يېڭى تۈگۈن پورت ۋە تىنچ ئوكياندىكى دەرۋازا پورتقا ئايلىنىدۇ.
خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم تەشەببۇسىنى ئاڭلاشنى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، تىنچ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇبىكا مارىيە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەنگەن بولۇپ، «2040-يىلىدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇتراگايا ئارزۇسى» بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، بۇ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە رەقەملەشتۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئارزۇنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە بىرلىكتە كېڭىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تايلاند پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىبۇجىنىيوڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىم ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، چۈنكى رەئىس شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەر رەھبەر، ئۇ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لومانوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ قاتنىشىشى كەم بولسا بولمايدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى