ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش دەرىجىسىگە قاراپ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى داۋاملىق سىناق قىلىمىز، دېدى، ئۇكرائىنا ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا سۆھبەتنى باشلىدۇق، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-23 12:31

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك قوراللىرىنى ئىشلەتكەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، «ئورمان ياڭىقى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن دنېپروپېتروۋسكتىكى ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بىر ئەسلىھەسىگە زەربە بەردى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بارلىق ئوق بېشى نىشانغا تەگدى، دېدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە: رۇسىيە ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش دەرىجىسىگە قاراپ، ئەمەلىي جەڭ شارائىتىدا سىناشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدۇ، دېدى.

پۇتىن مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيادا «ئورمان ياڭىقى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالالايدىغان تېخنىكا يوق، بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. «ئورمان ياڭىقى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن باشقا، نۆۋەتتە بۇ تۈردىكى يەنە بىر نەچچە خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلينسكىي 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئۇكرائىناغا يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھەمراھ دۆلەتلەر بىلەن يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئېرىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قىسمەن ئۇرۇش رايونلىرىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ خىللانغان كۈچىنى يوقىتىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 2025-يىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماھىيەتلىك بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى پوكروۋسك يۆنىلىشىدە مىنا تازىلاش مەشغۇلاتىنى باشلىغان.

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر كۈندە ئالدىنقى سەپ رايونىدا 190 قېتىم ئۇرۇش بولدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر مۇھىم نىشانىغا زەربە بەردى ھەمدە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تانكا، بىرونېۋىك ئۇرۇش ئاپتوموبىلى، زەمبىرەك، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى. كۇپىيانسكى، پوكروۋسك ۋە كۇراخوۋو قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۇرسك تەرەپتە داۋاملىق ھەرىكەت قىلدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش دەرىجىسىگە قاراپ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى داۋاملىق سىناق قىلىمىز، دېدى، ئۇكرائىنا ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا سۆھبەتنى باشلىدۇق، دېدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك قوراللىرىنى ئىشلەتكەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن،