ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى يېپىلدى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىجابىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى يېپىلدى، يىغىندا «باكۇ كىلىمات ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئازايتىش خىزمەت پىلانى، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش نىشانى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان سۆھبەت ئارقىلىق، يىغىندا «ئەھدىنامە»، «كيوتو كېلىشىمنامىسى»، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا 20 دىن ئارتۇق قارار ماقۇللىنىپ، «باكۇ كىلىمات ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى» نامىدىكى بىر قاتار تەڭپۇڭ نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى، بولۇپمۇ 2025-يىلىدىن كېيىنكى كىلىمات مەبلىغى نىشانى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھاسىل قىلىندى، 2035-يىلىغا بارغاندا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەر يىلى ئاز دېگەندە 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ نىشانى ۋە ھەر يىلى ئاز دېگەندە 1 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىشانى بېكىتىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ھەرىكىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ 6-ماددىسىدىكى خەلقئارا كاربون بازىرى مېخانىزمىنى يۈرۈشتۈرۈش تەپسىلىي قائىدىسى تاماملاندى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىللىق كىلىمات ئەھدىنامىسىنى تۈزەش مۇساپىسى سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى، گەرچە ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالدىدا بىز پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، يىغىندا ھاسىل قىلىنغان يېڭى كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كوللېكتىپ مىقدارلاشتۇرۇش نىشانى نەتىجە ھۆججىتىدە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ ۋەدىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىننىڭ ھەر قايسى قارالمىلىرى سۆھبىتى ۋە كېڭىشىشىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىدا ئىجابىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «جۇڭگو كارىدورى» يۈرۈشلۈك تەرەپلەر يىغىنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇشتىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. جاۋ يىڭمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، «پارىژ كېلىشىمى» ئاساسىدا ھەرىكەتنىڭ ئارقىغا چېكىنمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، كىلىماتنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت