ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، رۇسىيە 17 نىشانغا دەل زەربە بەردۇق، دېدى
ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى گالۇشېنكو 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەۋەر ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە بۇ يىل ئىچىدە 11-قېتىم كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى جىددىي توك توختىتىپ خەتەردىن ساقلاندى، جايلاردىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ئېنىقلىنىۋاتىدۇ، دېدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكىنىڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىپ رۇسىيەگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىكى 17 نىشانغا دەل زەربە بەردى، بۇ نىشانلارنىڭ ھەممىسى ھەربىي ئەسلىھەلەر، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئەسلىھەلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن قوللاش سىستېمىسى. پۇتىن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە ئەمەلىي جەڭ شارائىتىدا «ئورمان ياڭىقى» ناملىق يېڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى داۋاملىق سىناق قىلىشى مۇمكىن.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن 11-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى بېلگورود ئوبلاستى، ۋولگاگراد ئوبلاستى، قارا دېڭىز رايونى، كۇرسىك ئوبلاستى، بريانسىك ئوبلاستى قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىن ئۇكرائىنا چېگراسىغا 91 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 97 ھۇجۇم قىلىش تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەن، ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى بۇنىڭ ئىچىدىكى 79 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 35 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسقان.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى: رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرى ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ «نېپتۇن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە 49 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى