ئىسرائىلىيە خاماس پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەلىك 4 تۇتقۇننىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، دېدى
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: خاماس مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە قېلىپ قالغان ئىسرائىلىيەلىك 4 تۇتقۇننىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، كېيىن خاماسقا بەلگىلىك تاللاش ۋاقتى بېرىلىدۇ، ئەگەر 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە تېخىمۇ كۆپ تۇتقۇن قويۇپ بېرىلمىسە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشتى دەپ جەزملەشتۈرىدۇ. خاماسنىڭ باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە 8-تۈركۈمدە پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنى كېلىشىم بويىچە قويۇپ بەرمىدى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 1-باسقۇچىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇرۇش توختىتىش، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدىكى ئۈچ قىزىل سىزىق.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت