2024-يىلى 4-پەسىلدە گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلىدى
گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، باھا، پەسىل ۋە خىزمەت كۈنى تەڭشەلگەندىن كېيىن، 2024-يىلى 4-پەسىلدە گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە مەركىزى بانكىسى گېرمانىيە فېدېراتسىيە بانكىسى2 -ئاينىڭ 25-كۈنى بۇ بانكىنىڭ بۇلتۇرقى مۈلۈك قەرز جەدۋىلىدە قىزىل رەقەمنىڭ 19 مىليارد 200 مىليون ياۋروغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ گېرمانىيە مەركىزىي بانكىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زىيان، شۇنداقلا مەزكۇر بانكىدا 1979-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم زىيان كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت