چاۋشيەن چاۋشيەننىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىستراتېگىيەلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مەشىقى ئېلىپ باردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-28 10:58
مۇخبىرىمىزنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەندە ئىگىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى غەربىي رايون باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىرلەشمە قىسمىغا قاراشلىق قىسىم 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چاۋشيەننىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىستراتېگىيەلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مەشىقى ئېلىپ بارغان. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن قويۇپ بېرىش مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت