ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە-قاتار ۋەكىللەر ئۆمىكى قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-28 10:59
مىسىر دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە-قاتار ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلەشتى. ئامېرىكىمۇ ۋەكىل ئەۋەتىپ سۆھبەتكە قاتناشتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتىز 2-ئاينىڭ 27-كۈنى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 1-باسقۇچى «تاماملاندى»، ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قېلىنغان 33 كىشىنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز جەسەت بار، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) غەززەنى داۋاملىق كونترول قىلمايدۇ، دېدى.
خاماس 2-ئاينىڭ 27-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە تەييارلىنىپ بولدۇق، دېدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ «فىلادېلفىيە كارىدورى»دا ئەسكەر تۇرغۇزۇش غەرىزى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە روشەن خىلاپلىق قىلغانلىق، دەپ ئەيىبلەپ، سۆھبەتتىكى ياراشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. 


تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە-قاتار ۋەكىللەر ئۆمىكى قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى

ئىسرائىلىيە-قاتار ۋەكىللەر ئۆمىكى قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى