ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تارىخىي خاراكتېرلىك بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىپ قېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-28 11:01
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە، كۇردپەرەس خەلق باراۋەرلىكى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قاماقتىكى رەھبىرى ئۆجالاننىڭ باياناتىنى كۇرد تىلى ۋە تۈرك تىلىدا ئوقۇپ ئۆتتى. ئۆجالان باياناتىدا مۇنداق دېدى: كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق خادىملىرى قورال تاشلىشى، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىشى كېرەك. ئۆجالان باياناتىدا، بۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز، دېدى.
ئىراق كۇرد ئاپتونوم رايونى (كۇرد رايونى) رەئىس مەھكىمىسىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، كۇرد رايونىنىڭ رەئىسى بارزانى ئۆجالاننىڭ باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تەدبىر «بۇ رايوننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بىر قەدەم»، ئىراقتىكى كۇرد رايونى تىنچلىق مۇساپىسىنى تامامەن قوللايدۇ ھەمدە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ، دېدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈركىيە بىلەن ئىراق، ئىران ۋە سۇرىيە چېگرالىنىدىغان جايدىكى كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا قورال كۈچى ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ئاخىرىدا تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىسا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، كۇردلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ تارىخىي قارشىلىشىش ۋەزىيىتىدە زور بۇرۇلۇش بولۇشىدىن ئۈمىد بار. 

 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت


 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تارىخىي خاراكتېرلىك بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىپ قېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تارىخىي خاراكتېرلىك بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىپ قېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى