ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە-ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-28 11:02
رۇسىيە-ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدا تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەت يېپىق شەكىلدە تەخمىنەن ئالتە يېرىم سائەت داۋاملاشتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئورنىتىشقا تەييارلىنىپ بولدى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دونېتسك، لۇگەنسىك، زاپوروژى ۋە خېلسوندىن ئىبارەت رۇسىيەگە يېڭىدىن قوشۇلغان تۆت رايون «رۇسىيە زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى».
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيارەتكە بارغان ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ستارمېر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەندە يېتىپ كېلىدۇ. قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى ئۇكرائىنانىڭ «ئارقا تېرىكى» بولۇپ قالىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ئالدى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك، ئاندىن تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى تەشكىللىيەلەيدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش توغرىسىدىكى ھېچقانداق ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دېدى.
ئۇكرائىنا كابىنېتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ھۆكۈمەت بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە ئىقتىساد مىنىستىرى سۋېرىدېنكو ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېبىگاغا ئامېرىكا بىلەن قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى ئىمزالاش ھوقۇقىنى بەردى. 

 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت


 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە-ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

رۇسىيە-ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى