ترامپ بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇقى سەۋەبىدىن دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-01 09:46
مۇخبىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يېقىندا چۈشۈرگەن بىر مەمۇرىي بۇيرۇقى سەۋەبلىك دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن، دېموكراتلار پارتىيەسى بۇ بۇيرۇقتا تىرامپقا مۇستەقىل قوشما ئىشتات سايلام كومىتېتىنى كونترول قىلىشتا ھەددىدىن كۆپ ھوقۇق بېرىلگەن، بۇ قوشما ئىشتات سايلام قانۇنىغا خىلاپ، دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقتا ئاق سارايغا سايلام كومىتېتى، دۆلەت ئەمگەكچىلەر مۇناسىۋىتى كومىتېتى، ئاكسىيە سودا كومىتېتى ۋە باشقا ئەنئەنىۋى مۇستەقىل ئورگانلارنى تېخىمۇ كۆپ كونترول قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى