ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغ ئوتى يەنىلا كۆيمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-01 09:47
ياپونىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى شەرقىي شىمالدىكى ئىۋاتېكىن ناھىيەسى ئوفۇناتو شەھىرىدىكى ئوت كەتكەن يەر كۆلىمى ئاز دېگەندىمۇ 1200 گېكتارغا يېتىپ، ياپونىيەدە 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتتى، دېدى. 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوت داۋاملىق كۆيدى، 1700 دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 4200 دىن ئارتۇق ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇش كۆرسەتمىسى تاپشۇرۇۋالدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى