ئامېرىكا-ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ ئاق سارايدىكى سۆھبىتى كۆڭۈلسىز ئاياغلاشتى، ئىككى تەرەپ ئەسلىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-01 10:04
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاق سارايغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ترامپ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى ئامېرىكا- ئۇكرائىنا كان مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى «ئىنتايىن ئادىل». ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنانىڭ سىيرەك يەر كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ھەربىي قورال- ياراغ قاتارلىق ساھەلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ترامپ يەنە ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ياخشى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى، سۆھبەت خادىملىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ مۇنۇلاردا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى: ئەگەر ئۇكرائىنا يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش نىشانى «سۆھبەت ئۈستىلىدە ئەمەس». تىرامپ ھەر قانداق كونكرېت خەۋپسىزلىك كاپالىتى توغرىسىدا ۋەدە بەرگۈسى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق خەۋپسىزلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئۇ : ئامېرىكا پەقەت ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرىنى قېزىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشنىلا مۇزاكىرە قىلماسلىقى كېرەك دەپ تەكىتلىدى ھەمدە سۆھبەتتە ئامېرىكىدىن خەۋپسىزلىك ۋەدىسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىككىيلەن تاراتقۇلار ئالدىدا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشتى، ئارقىدىن ئىككى تەرەپ ئەسلىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، زېلېنسكىي ئاق سارايدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلدى، كان مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى ئىمزالانمىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت