ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە سۆھبەت ئۆمىكى قاھىرەدىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى، خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىشىنى ئۈمىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-01 10:05
ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسرائىلىيە سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ شۇ كۈنى قاھىرەدىن ئىسرائىلىيەگە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئۇزارتىش ھەمدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئالاقىدار سۆھبەت 3-ئاينىڭ 1-كۈنى داۋاملىشىدىكەن. مىسىر خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ خەۋەردار ئەربابى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 1-باسقۇچىنى 42 كۈن ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلدى، بىراق خاماسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچقا كىرىشىنى ئۈمىد قىلدى، دېدى. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有