ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە «تۈركىيە ئېرىقى»غا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، دېدى، زېلىنىسكى لوندونغا يېتىپ بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-02 13:31

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى دوۋنىنگ كوچىسىدىكى 10-نومۇرلۇق باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە يېتىپ باردى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ستارمېر بىلەن ئۇچراشتى. ستارمېر يەنە 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر مەيدان ياۋروپا رەھبەرلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، رۇسىيە- ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىز Ⅲ مۇ زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشىدۇ.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زېلېنسكى تەكلىپكە بىنائەن 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، يېڭى ھەربىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنداق دېدى: زېلېنىسكىنىڭ ئامېرىكا سەپىرى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈل كېسىل يوقاتقاندىلا، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن تېلېفونلىشىپ، «تۈركىيە ئېرىقى» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئىشلىرىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ۋېنگىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سجارتو 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىنى ۋېنگىرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە «تۈركىيە ئېرىقى»غا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، دېدى، زېلىنىسكى لوندونغا يېتىپ بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى دوۋنىنگ كوچىسىدىكى 10-نومۇرلۇق باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە يېتىپ باردى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ باش