ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەللىك زاتلار جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئېچىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىقلارنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-03 17:16

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئېنىق پىلانلىدى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان كۆپ تۈرلۈك تەشەببۇسلارمۇ دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ياخشى پىلان بىلەن تەمىنلىدى.
پاكىستاندا چىقىدىغان «كۈندىلىك ئىتتىپاقلىق گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مارىج فەرۇخ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر نۇرغۇن سۇپا ۋە يوللار ئارقىلىق ئىككى يىغىن ھەققىدە خەۋەر بەردۇق، بۇ يىل ئىككى يىغىن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق تارقىتىشنى پىلانلىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز يىغىننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىمىز ھەمدە ئالاقىدار ۋىدېيولارنى ئىشلەيمىز. بىز بۇ يىلقى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ يەنە بىر قېتىم غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.
كۇۋەيتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى فايسال راشىد گايس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كۆپ تۈرلۈك تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەشەببۇسلار جۇڭگوغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيا ۋە رايون تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق، رايون ۋە خەلقئارا قاتلامدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق.
گېرمانىيە كارخانا مۇدىرىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى يورگ شېل «ئىككى يىغىن»دا ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پىلانىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئاۋۋالقىدەكلا ئىنتىزار، مېنىڭچە، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىستېمال ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئېشىش قۇۋۋىتى يارىتىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەللىك زاتلار جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئېچىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىقلارنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ