ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلار ئاق ساراي رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى يېنىكلىتىش پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ، دېدى
ئۇكرائىنا دۆلەت چېگرا مۇداپىئە باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى: رۇسىيە ئارمىيەسى سۇمېي ئوبلاستىنىڭ چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دېدى. ھازىرغىچە روسىيە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىنكاس قايتۇرمىدى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ يادرو خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، نۆۋەتتە، زاپورو يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئالتە رېئاكتورى سوغۇق ھالەتتە توختاپ قالغان، بىردىن بىر زاپاس توك يولى ئۈزۈۋېتىلگەندىن كېيىن، زاپورو يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەخمىنەن بىر ھەپتە پەقەت بىر مەيدان سىرتىدىكى توك مەنبە سىمىغا تايىنىپ توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ كۈنى: ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ھاسىل قىلغان كان مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىر «ياخشى سودا»، مەن 3-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە كېلىشىمنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يېڭىلايمەن، دېدى.
سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو 3-ئاينىڭ 3-كۈنى: ئۆزىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان مالىيە ۋە ھەربىي ياردىمىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تەبىئىي گازىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 3-ئانىڭ 3-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەربابى ئاقساراينىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىدىن رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى يېنىكلىتىش ئېھتىمالى بولغان بىر تىزىملىك تۈزۈپ چىقىپ، كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە رۇسىيە ۋەكىلى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، ئۇنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئېلىپ بارىدىغان كەڭ دائىرىلىك سۆھبىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت