ۋېنگىرىيەدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى: ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا قوشۇلدى، پۇتىن ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە ھېچكىمگە باش ئەگمەيدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا ئېچىلدى. خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنانى يەنىمۇ قوللاش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئەمما ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بۇ كېلىشىمگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان، بۇ قارار 27 ئەزا دۆلەتنىڭ 26 سىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: مەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇكرائىنانى قورال-ياراق، ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچەيتىش، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتى ھەمدە رۇسىيەنى جازالاش بېسىمىنى زورايتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا ۋە پۈتكۈل ياۋروپانىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق.
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: ئەگەر ياۋروپا ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا ئورۇنلاشسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا رەسمىي ئارىلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭغا رۇسىيە ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئۇ يەنە:فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ يېقىندا قىلغان سۆزى رۇسىيەگە «تەھدىت» بولدى، دېدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە ھېچكىمگە باش ئەگمەيدۇ، رۇسىيە ئۆزى قوبۇل قىلالايدىغان ھەم رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر خىل تىنچلىق لايىھەسىنى تاللىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىستانسىسىمىز مۇخبىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۇكرائىنا-ئامېرىكا كان مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمىنى بېكىتىشكە تەييارلىنىپ بولغان، بۇنىڭ شەرتى ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش يولىغا قوشۇلۇشى ھەمدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكەن. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا كوللېكتىپىنىڭ خىزمەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، كېلەر ھەپتە بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئاخباراتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇمىروف 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا چەك قويۇش توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى، لېكىن ئۇكرائىنا بۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان لايىھەنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت