ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئۇكرائىنا كونتروللۇقىدىكى كۇرسىك ئوبلاستىنىڭ %86 زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدۇق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-13 17:09

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۇرسىك رايونىدا ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنى داۋاملىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۆتكەن بىر كۈندە كۇرسىك رايونىدىكى بەش ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى گراسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىنا كونتروللۇقىدىكى كۇرسك رايونىدىكى %86 زېمىننى قايتۇرۇۋالغان.
ئۇكرائىنا 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىسمەن رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرسكنىڭ سۇجا شەھىرىگە كىردى، ئەمما ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تولۇق چېكىنىپ چىقمىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، رۇسىيە ئارمىيەسى سۇجا شەھەر مەركىزىدە رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىننىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇكرائىنا زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن غايەت زور ئۆلۈش - يارىلىنىش بەدىلى تۆلىدى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ مۇھىم قىزىل سىزىقى. زېلېنسكىي يەنە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ئامېرىكا بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ سىيرەك يەر بايلىقى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلىنىپ بولدى. بىراق، مەن تېخى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ مېنى ئاق ساراينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىمىدىم.
رۇسىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئامېرىكا-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىدىن تېخى خەۋەر تاپمىدى، شۇڭا ھازىر ئۇرۇش توختىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلىقىنى جاكارلاشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.


تەرجىمان: بەختىيار تۇردى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل


中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئۇكرائىنا كونتروللۇقىدىكى كۇرسىك ئوبلاستىنىڭ %86 زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدۇق

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۇرسىك رايونىدا ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنى داۋاملىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۆتكەن بىر كۈندە كۇرسىك رايونىدىكى