رۇسىيە كۇرسىك ئوبلاستىدىكى سۇجا قاتارلىق مەھەللىلەرنى قايتۇرۇۋالدۇق، دېدى، ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن داۋاملىق ھۇجۇم قىلدۇق، دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:34
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىدىكى سۇجا قاتارلىق ئۈچ مەھەللىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى. سۇجا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كونتروللۇقىدىكى كۇرسك رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مەھەللە بولۇپ، بۇ جاي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۇرسك رايونىدىكى ئاساسلىق ئارقا سەپ تۈگۈنى.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇ كۈنى سائەت 16 گىچە، ئالدىنقى سەپ رايونىدا 84 قېتىم جەڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، كۇرسك رايونىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بەش قېتىملىق ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتىن 13-كۈنى ئەتىگەنگىچە، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى كۆپ جايلاردا ئۇكرائىنانىڭ 77 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇۋالغان ۋە ئېتىپ چۈشۈرگەن. ئۇكرائىنا ئەمەلدارى شۇ كۈنى ۋىدېيو ئېلان قىلىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ رۇسىيەنىڭ ساراتوف ئىشتاتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپىگە قوشۇلىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت ئۇرۇش توختىتىش ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئېلىپ كېلىشى ھەمدە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبە تۈگىتىلىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى