سۇرىيەنىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى «ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى» ئىمزالاپ، ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ مۇددىتىنى بەش يىل دەپ بېكىتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:36
سۇرىيەنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىدىكى زۇڭتۇڭى ئەخمەد شارا 3-ئاينىڭ 13-كۈنى «ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، سۇرىيە ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى بەش يىل دەپ بېكىتتى.
سۇرىيە «ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى»نى تۈزۈش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى شۇ كۈنى شاراغا «ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى» لايىھەسىنى تاپشۇردى. شارا ئىمزا قويغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ «قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشقا يۈزلىنىشىدىكى ياخشى باشلىنىش» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى»نى تۈزۈش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئاۋاق سۇنۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى» كىرىش سۆز ۋە تۆت بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۆتكۈنچى دەۋردىكى تۈزۈم شەكلى ۋە ھوقۇق تەقسىماتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. «ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى» ھوقۇقنى ئايرىش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىدۇ، زۇڭتۇڭ ئۆتكۈنچى دەۋردە مەمۇرىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ، جىددىي ھالەتنى جاكارلاشتەك ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ، خەلق پارلامېنتى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە مىنىستىرلاردىن سوئال سوراشقا ھوقۇقلۇق. «ئاساسىي قانۇن خىتابنامىسى»دە ھازىرقى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنى تارقىتىۋېتىش، زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەپ يېڭى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى تەشكىللەش بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام قائىدىسى قانۇن چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى قىلىندى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى