ترامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، سودا ھەمراھلىرىدىن ئاتالمىش « تەڭ دەرىجىدە تاموژنا بېجى» ئالدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاتالمىش «تەڭ دەرىجىدە تاموژنا بېجى ئېلىش» توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ سودا ھەمراھلىرىغا قارىتا %10لىك «ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى تاموژنا بېجى» تەسىس قىلغانلىقىنى ھەمدە بەزى سودا ھەمراھلىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپ شۇ كۈنى يەنە ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن %25 تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالىدىغانلىقىنى، ئاپتوموبىللاردىن كۆپەيتىپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن سودا ھەمراھلىرى قارشى تەدبىر قوللىنىپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا 4-ئاينىڭ 2-كۈنى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئۆتكۈزگەن «زور خاتالىقى»غا «قەتئىي ئەمما ئاقىلانە» تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، دېدى. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى «ھەر بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى لاگاردى شۇ كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى يولغا قويغان تاموژنا بېجى سىياسىتى دۇنيا ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ تەنقىد قىلدى.
ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى يوشىماسا 4-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تەدبىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ياپونىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى داۋاملىق تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشىنى داۋاملىق كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىدۇ.
كانادا زۇڭلىسى كارنېي يېقىندا: كانادا كانادانى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق غەرەزلەرنى رەت قىلىدۇ، دېدى. ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانىس ئاۋسترالىيەنىڭ ئامېرىكىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا