تاموژنا بېجىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىش پىلانى دۇنيا سودا ئۇرۇشى خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتىكە يەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-04 10:46
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تاموژنا بېجىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىش پىلانىنى ئېلان قىلغاچقا، دۇنيا سودا ئۇرۇشىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋەتتى، ئامېرىكا پاي بازىرى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى شىددەت بىلەن چۈشۈپ بازار يېپىلدى. ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك چۈشۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى.
ناسداك كۆرسەتكۈچى %5.97 چۈشۈپ، 2020-يىلى 3-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى يارىتىلدى؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى %4.84 چۈشۈپ، 2020-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى يارىتىلدى؛ داۋجۇنىس كۆرسەتكۈچى %3.98 چۈشۈپ، 2020-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى بولۇپ قالدى.
ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچىمۇ شۇ كۈنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۆۋەنلىدى. ئەنگلىيە لوندون پاي بازىرىدا 100 خىل پاي چېكىنىڭ ئوتتۇرىچە باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %1.55 بولغان. فىرانسىيە پارىژ پاي بازىرىنىڭ CAC40 كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %3.31 بولغان؛ گېرمانىيە فىرانكفورت پاي بازىرىنىڭ DAX كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %3.01 بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارادا نېفىت باھاسى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى زور دەرىجىدە چۈشتى. نيۇ-يورك تاۋار بېرژىسىدا 5-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %6.64كە يەتتى. 6-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %6.42 كە يەتتى.
ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتە خىل ئاساسلىق پۇلغا بولغان ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى ئۆلچەيدىغان ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى شۇ كۈنى %1.67 چۈشۈپ، پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئاخىرقى بازىرىدا 102.073 بىلەن بازار يېپىلدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىۋېلا 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشى دۇنيا سودىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇ يىل دۇنيا تاۋار سودا مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %1 ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كانادا 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» ئېلىشىغا قارشى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، بۇ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق ئاپتوموبىللاردىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ ئىنكاس قايتۇردى. ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى دەرھال تېز ئىنكاس قايتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش سىياسىتىگە قارىتا ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. ۋىيېتنام سودا-سانائەت مىنىستىرلىقى يەنە ئامېرىكىغا دىپلوماتىيە نوتىسى چىقاردى.
تايلاند زۇڭلىسى پېتۇڭتان 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ ئىمپورت بېجى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، مەخسۇس سۆھبەت ئۆمىكى قۇرۇپ، سەلبىي تەسىرنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كورېيەنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى، دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خەنداكسو 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېدى: كورېيە سودا ئالاقە مىنىستىرىنى دەرھال ئامېرىكىغا زىيارەتكە ئەۋەتىپ، ئامېرىكا بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭىشىدۇ. كېلەر ھەپتە كورېيە ھۆكۈمىتى يەنە ئاپتوموبىل كەسپىگە جىددىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىشىباشېگىرۇ ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنى ئالاقىدار تەدبىرلەرگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، كەسپىي جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى يېڭى سىياسىتىگە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ %25 پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى ئاۋازغا قويۇشنى پىلانلىدى، دېدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىش توغرىسىدا بىر ئايلىق مەسلىھەت سوراش تەرتىپىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەدبىرىگە قارىتا قوللانغان 2-نۆۋەتلىك قارشى تۇرۇش تەدبىرى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەييارلىنىپ بولۇشى، ئاساسلىقى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدىن كەڭ كۆلەمدە باج ئېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندىرليىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادى غايەت زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئېنىقسىزلىق بۇرمىسىمان ئۆرلەپ قورۇقچىلىق يەنىمۇ باش كۆتۈرىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل