بىرمىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 3145 ئادەم قازا قىلدى، 4589 ئادەم يارىلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-04 10:48
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىگىلىشىچە، بېرمىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 3145 ئادەم قازا قىلغان، 4589 ئادەم يارىلانغان، 221 ئادەم يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېرمىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ھازىرغىچە، بېرما ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قۇتقۇزۇش ئەترىتى ھايات قالغان 653 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان.
4-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن قۇتقۇزۇش كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بېرمىنىڭ ماندالاي شەھەر رايونىدا داۋالاش، سەييارە دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى بىرمىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان مەھەللىلەرگە جىددىي ئاشلىق تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل