ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى، ئاز دېگەندىمۇ 29 ئادەم قازا قىلدى، پەلەستىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-04 10:59
پەلەستىن دىپلوماتىيە ۋە چىياۋمىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى -4ئاينىڭ 3-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىدىكى دارئاركام مەكتىپىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، پۇقرالارنىڭ ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارغا داۋاملىق قىلغان يەنە بىر مەيدان قانلىق قىرغىنچىلىقى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندىمۇ 29 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بۇ مەكتەپ ئەينى چاغدا پاناھلىنىش ئورنى بولۇپ، نۇرغۇن سەرگەردان تۇراتتى. پەلەستىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، پەلەستىن خەلقىنى قوغدىشى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى 

中央广播电视总台 央广网 版权所有