ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نىيۇيورك پاي بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى يەنە زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ناسداك ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن %20 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-05 10:54
ئامېرىكا نىيۇيورك پاي بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنە چۈشۈپ كەتتى. دوۋ جونېس سانائەت ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %5.50 بولدى؛ ئۆلچەملىك پۇر 500  پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %5.97؛ ناسداك ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى  % 5.82بولدى. ناسداك ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىدىن %20 تۆۋەنلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر، نىيۇيورك تاۋار سودىسى بىرژىسىدا 5-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى %7.41 چۈشتى. 6-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى %6.50 چۈشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پوۋېل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىشى ھەمدە پۇل پاخاللىقىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاستىلىتىۋېتىشى مۇمكىن، دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا تەرەققىيات يىغىنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى ئېلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ ئاستىلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن تۆۋەن كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھازىر تاشقى مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى، قەرز سەۋىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولۇش، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有