ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرىمىز، دېدى، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-05 10:55
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى:ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈندىن باشلاپ غەززەنىڭ شىمالىدىكى شۇجاييا رايونىدا يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەر رايوننى كېڭەيتتۇق، دېدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەرىكەتتە نۇرغۇن قوراللىق خادىمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەمدە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ ھۇجۇم پىلانلاش ۋە قوزغاشقا ئىشلەتكەن بىر قوماندانلىق كونترول مەركىزىنى ۋەيران قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 401-بىرونېۋىك لۈسىنىڭ يېقىندا غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھەربىي ھەرىكەت قىلىپ، راكېتا بومبا قويۇپ بېرىش مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى بۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى غەززە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى تەسىرىدە شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنى ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ باياناتچى يەنە سۇ پومپىسى پونكىتىدىكى گېنېراتورنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان يېقىلغۇ كەمچىل بولغاچقا، غەززەنىڭ باشقا رايونلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، دېدى. ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ئاساسىي ماددىي ئەشيالار بۇ مەزگىلدە غەززەگە كىرەلمىدى.
ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ھۆكۈمەت تەرەپ ھېسابات نومۇرىدا:غەززەدە يېمەكلىك زاپىسىنىڭ تۈگىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ تۈرلۈك ياردەم بېرىش تۈرلىرى تەدرىجىي تاقىلىۋاتىدۇ، دېدى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىنى جىددىي مۇراجىئەت قىلدى.
غەززە رايونىنىڭ سەھىيە تارمىقى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن 24 سائەتتە غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە پەلەستىنلىك 86 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 287 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن باشقا، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا 1249 كىشى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 3022 كىشى يارىلاندى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت