ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قارشىلىققا ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ستارمېر 4-ئاينىڭ 5-كۈنى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگىلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرى ھەر قايسى تۈردىكى تاۋارلار باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قارشىلىققا ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.
كانادا زۇڭلىسى كارنېي بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىن كەلتۈرۈلگەن ئاپتوموبىللاردىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. كارنېي شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى بىر ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا: ئىشچىلىرىمىز ۋە كارخانىلىرىمىزنى چوقۇم قوغدىشىمىز كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس. بىز تاموژنا بېجى ئېلىپ ئېرىشكەن ھەر بىر ئامېرىكا دوللىرىنى تەسىرگە ئۇچرىغان ئىشچىلار ۋە كارخانىلارغا بىۋاستە قايتۇرۇپ بېرىمىز، دېدى.
ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى لانگې يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ تەخمىنەن %30 پايدىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدىن كېلىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ تاموژنا بېجى توقۇنۇشى كۈچەيسە، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ماگناتىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىمىز. فىرانسىيەنىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىلى لوران ساينت مارتىن: شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئەگەر سىز ئۆچ ئېلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئىپادىلىمىسىڭىز، سىزنىڭ سۆھبەتلىشىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمايدۇ، دېدى.
ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەت لېسوتودا توقۇمىچىلىق، ياسىمىچىلىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %75 مەھسۇلات ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لېسوتودىن %50 تاموژنا بېجى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ۋەيران بولۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى. شۇ جايدىكى كىچىك كارخانا ئىگىسى پالېسا ماكائەي: تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىك خەۋىرى نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىۋاستە تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەر ئىشسىز قالىدۇ، دېدى.
ۋەھىمىلىك مال سېتىۋېلىش مەنزىرىسى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. كىچىكى چىش پاستىسى، چوڭى ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، باغۋەنچىلىك ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئامېرىكا خەلقى ئالدىراپ مال سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن كەسىپلىرىدىكى كەسىپكارلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى سىياسىتى تەننەرخنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارغا يۈكلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يالې داشۆسى خامچوت تەجرىبىخانىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يېڭى تاموژنا بېجى سىياسىتى بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى %2.3 ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ يېمەكلىك باھاسىنىڭ %2.8، ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ %8.4 ئۆرلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئامېرىكىدىكى ھەر بىر ئادەتتىكى ئائىلىگە 3800 ئامېرىكا دوللىرى زىيان سالغانغا باراۋەر.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت