كۆپ تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىپ، دۇنيا سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى
ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، كۆپ تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ، دەپ تەنقىدلىدى.
بولىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشى خەلقئارا سودا قائىدىسى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە خىلاپ، بۇ دۇنيا سودىسىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
فىرانسىيە زۇڭلىسى بېرۇ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەش قاتارلىق خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ سودا ۋە بازار ئاخبارات مەسئۇلى سىپىس 4-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تاموژنا بېجى نىسبىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى «ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق ئۇسۇلى»، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن ئالىدىغان ئوتتۇرىچە باج نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى.
ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، نۆۋەتتە كۆرۈلگەن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ب د ت نىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.
بېلگىيەدە چىقىدىغان «ئەكس سادا گېزىتى» دە يېقىندا ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ گۈللىنىشىگە تىرەك بولۇپ كەلگەن دۇنياۋىلاشقان سودا سىستېمىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ، چېكىدىن ئاشقان قورۇقچىلىق سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنىڭ تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاش تېخى قىيىن بولسىمۇ، بىراق كۆپ ساندىكى مۇتەخەسىسلەر دۇنيا ئىقتىسادى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ چېكىنىش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «تەڭ دەرىجىدە تاموژنا بېجى ئېلىش»نى ھېسابلاش ئۇسۇلى «ئەخمىقانە ھەم نۇقسانلىرى كۆپ» بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ گۇمانى ۋە تەنقىدىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى چاد بوۋئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر شارى سودا سىستېمىسىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.
ئامېرىكا مارىلاند داشۆسى خەلقئارا ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى كلاي رامسېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سودا ھەمراھلىرىنى يول قويۇشقا مەجبۇرلىماقچى، بۇ ئامېرىكا خەلقىنى «غايەت زور بەدەل» تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشىنىڭ مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، بىر قىسىم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى سىياسەت كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ھاراق قاتارلىق تاۋارلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشقا باشلىغان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت