ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى، ئۆتكەن بىر كۈندە غەززەدىكى ھەرىكەتتە 57 ئادەم قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-08 15:25
غەززە سەھىيە تارمىقى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر كۈندە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىدە، 57 ئادەم قازا قىلدى، 137 ئادەم يارىلاندى. پەلەستىن 4-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەربەراھ ئاقسا ئىنقىلابىي قۇربانلار دوختۇرخانىسى ئەتراپىدىكى سەرگەردانلارنىڭ چېدىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. جەنۇبىي خانيۇنۇس دوختۇرخانىسى ئەتراپىدىكى بىر مۇخبىر ئىشلەتكەن چېدىر ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر مۇخبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئادەم قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا توققۇز ئادەم يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا ھەربىي ھەرىكەتنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى، ئۇ شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئۇچرىشىدۇ. نىتانىياخۇ تىرامپ بىلەن غەززەدە تۇتۇپ قېلىنغان ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ھەمدە ئىرانغا ئالاقىدار مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى