گېرمانىيە ئىتتىپاق پارتىيەسى بىلەن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كېلىشىمىنى ئېلان قىلدى
گېرمانىيە ئىتتىپاق پارتىيەسى بىلەن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كېلىشىمىنى ئېلان قىلدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى باجنى كېمەيتىش ئارقىلىق گېرمانىيە پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى مۇساپىرلار سىياسىتىنى چىڭىتىشقا بىردەك قوشۇلدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى فېدېراتسىيە زۇڭلى مەھكىمىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تەسىس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال خەۋپسىزلىك سىياسىتى مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى بىرلىشىپ باھالاشقا قوشۇلدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت