ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تۇنجى تەدبىرنى ماقۇللىدى
كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئامېرىكىغا قارىتىلغان سودىغا قارشى تۇرۇش سېپىگە قوشۇلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا تاموژنا بېجىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تۇنجى تەدبىرنى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مەھسۇلاتلىرىدىن باج نىسبىتى %25 كە يېتىدىغان تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك قارشى تۇرۇش ئامېرىكىنىڭ پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجى تەدبىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى. ئاخباراتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تەدبىرىنىڭ يوللۇق ئاساسى كەمچىل بولۇپ، ياۋروپا ـ ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى باشتىن-ئاخىر ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئادىل، تەڭپۇڭ ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.
ئاخباراتقا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىكى ئىچكى تەرتىپى تاماملىنىدۇ، تاموژنا بېجى 4- ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئالماس، تۇخۇم، چىش تازىلاش يىپى، كولباسا ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت