ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ماكرون: فىرانسىيە 6-ئايدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-10 17:18

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 4-ئاينىڭ 9-كۈنى فىرانسىيە 6-ئايدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن، دېگەن.
ماكرون مۇنداق دەپ قارىدى: مۇۋاپىق پەيتتە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش «يوللۇق». ماكرون پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەلەستىننى قوللايدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ماكرون بۇلتۇر نۇرغۇن سورۇنلاردا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ فىرانسىيەگە نىسبەتەن «مەنئى قىلىنمىغان»لىقىنى بىلدۈردى.
نورۋېگىيە، ئىسپانىيە ۋە ئېرلاندىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇلتۇر 5-ئايدا ئايرىم-ئايرىم پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ماكرون: فىرانسىيە 6-ئايدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 4-ئاينىڭ 9-كۈنى فىرانسىيە 6-ئايدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن، دېگەن.