كۆپ تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنى باشقىلارغىمۇ ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىك، دەپ تەنىقدلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-11 11:04
نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېدى
ئامېرىكىنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى يېللېن 4-ئاينىڭ 10-كۈنى تىرامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا «ئەڭ ئېغىر ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈشى» بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش ئېھتىماللىقى ئاشتى، دېدى.
ئامېرىكىنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى لارى ساموس بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تاموژنا بېجى سىياسىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىناۋىتىنى يوقاتتى، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى «ئەڭ ناچار، ئەڭ ئېغىر، ئۆزىنى ئەڭ قىيناش شەكلىدىكى» ئىقتىسادىي سىياسەت بولۇشى مۇمكىنكەن.
ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى ئالبانىس 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىۋاتىدۇ، دېدى.
ئالبانىس مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى بىر خىل ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىنى قىيناش قىلمىشى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ، ئەركىن ۋە ئادىل سودىغ پايدىلىق بولۇش-بىزنىڭ مەيدانىمىز».
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىقتىساد مىنىستىرلىرى ئالاھىدە يىغىنى ئاچتى، يىغىندىن كېيىن بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ يېقىندا يولغا قويغان بىر تەرەپلىك تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا، بۇ رايون ۋە دۇنيا سودىسى، مەبلەغ ئوبوروتى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
كولومبىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تورو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:«ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئەكسىچە دۇنيانى كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئامېرىكا ئەمدى دۇنيانىڭ مەركىزى ئەمەس، ھازىر ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر چوقۇم يېڭى ھەمكارلىق يۆنىلىشى بېكىتىشى كېرەك. چۈنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىشنى ئويلاشمىدى.
پېرۇلۇق ئىقتىسادشۇناس جوسې لىنارېس گالو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەمەلىيەتتە، ئەركىنلىكنى ھەمىشە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ دۆلەت ھازىر پۈتۈنلەي قارشى تەرەپتە تۇرۇپ، ئەركىن سودىنى قوغدىماي، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئاساسىنى ۋەيران قىلىپ ئەركىنلىكنى بىكار قىلماقتا. ئۇلار قوللانغان بۇ بىمەنە تاموژنا بېجى سىياسىتى ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ».
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل