مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر پىروگراممىلىرىنى ۋىيېتنامدا كۆرسىتىش باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-12 10:32
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ۋىيېتنامدا كۆرسىتىش پائالىيىتى خانويدا باشلاندى. «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسى» قاتارلىق باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەككىز نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ۋىيېتنامنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلىدۇ.
بۇ قېتىم قويۇلىدىغان «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسى»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگو» قاتارلىق باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يۈرۈشلۈك نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا كۆپ مەنبەلىك نۇقتىدىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خىلمۇ-خىل قىياپىتى جانلىق نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى شەرھلىنىپ، ۋىيېتنام تاماشىبىنلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېسىل سالاپىتىنى ھېس قىلىش، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەجرىبىلىرى چۈشىنىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىر قاتار نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋىيېتنام دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق كۆپ سۇپىلاردا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلىدۇ، كۆرسىتىش پائالىيىتى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت